🍃ئۈنسىز تېۋىشلەر👣
1.23K subscribers
1.22K photos
650 videos
132 files
3.7K links
ئەي قەلبىم ، ئۆز-ئۆزۈڭگە تەربىيە بىرىشتىن ئاجىز كەلمىگىن ئىنسان بالىسىنىڭ ھەر قەدىمىگە ئاچچىق ياكى شىرىن سىناقلار ۋە ياكى كىچىكىپ ھىس قىلىنىدىغان نۇرغۇن ھىكمەتلەر يانداشقان بولىدۇ... ئەقىل ۋە سەبىر كۆزۈڭ بىلەن دائىم تەپەككۇر ۋە ئىبادەت قىل ،، بوشاشما
Download Telegram
مەيلى تۇر پارىژنىڭ گۈزىلى بىلەن،
يەنىلا ئۆزۈڭنىڭ ئەمەستەك كۈلكەڭ.

ئەسلەيسەن نەم قىلىپ قولياغلىقىڭنى،
ۋەتەندە دەردىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ دەردى.
ۋەتەندە يىغاڭمۇ ئۆز تىلىڭ بىلەن.
مىليۇنىر بوپ كەتكىن بەرىبىر يەرلىك،
قەلەندەر ئالدىدا بىر كەپەڭمۇ يوق،
ھەر كىم باقالايدۇ كۆزۈڭگە سوغۇق.



مەيلى سەن شەربەت ئىچ ئالتۇن قەدەھتە،
بىر كۆپۈك چىقسىلا ئۈستىگە لەيلەپ
ئوقۇساڭ يېزىلغان ۋەتەن دېگەن خەت.



ۋەتەن،ئىھ ۋەتەن!
چىرايلىقتۇر ھەممە نەرسىسى،
چىرايلىق ئۇنىڭ قايغۇسىمۇ ھەم.
گۆھەردۇر،ئالمىدۇر،خۇش پۇراق گۈلدۇر،
ۋەتەن دالىسىدا كۆرگەن توڭ تېزەك.
.
ۋەتەندە بىر ناتۇنۇش بالا
يۈگۈرۈپ ئۆتكەن بولسا ئالدىڭدىن
يۈز يىلدىمۇ چىقماس يادىڭدىن.
تىللاپ سالغان بولسا ئىلگىرى،
ئۆز ئېلىڭدا ئۆز تىڭلدا ئۆز:
تاپالمايسەن دۇنيادا ھازىر
شۇ تىلدىنمۇ گۈزەلرەك بىر سۆز.
شېئىرىنى ئوقۇساڭ بەزەن
گېزىتلەردىن پاژ يا تاگۇرنىڭ؛
تېتىمايدۇ ساڭا ئۇ قىلچە،
ئۆز يۇرتۇڭدا ئېيتقان قوشاقچە.

ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن.
يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن
كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن….
سېغىنغاندا قەشقەرنى
چەتئەلدىكى ھەربىر مۇھاجىر

 
نۇر چەكسىز
 

بىر جۈپ گۈزەل ئالتۇن كەشنى مەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
ۋە ئالتۇندىن ياساپ بىر كىشەن
كۆمۈپ قويدۇم شېئىرلىرىمغا.
غېرىبلىقنىڭ سوغۇق نۇرلىرى
چاقناتماقتا مېنى خانەمدە.

 
سانسىزلىغان ئىزىمىز قالدى،
تالاي كەچتە ئاشۇ كوچىدا.
بەردىم گۈزەل كۆپ سۈكۈتلەرنى،
بىرلا سۆزنى بەرمىدىم ئەمما.
ماڭغىنىمدا بىرگە سەن بىلەن،
يوق تۇيۇلار ياكى سەن يا مەن.
خىيال دەيمەن ئىشەنگۈم كەلمەي
ئىككىمىزدىن بىرسىمىز جەزمەن.
خىياللىرىم سەن ھەققىدىكى-
پارە-پارە سۇنغان ئەينەكتۇر.
ئاۋازىڭ بار،يوقتۇر ھېچنىمەڭ،
بار پەقەتلا تالا-تالا نۇر.
كۆزۈڭدە لىق بىر كوزا سۇ بار،
قېنىپ-قېنىپ ئىچىپ بۇلۇپلا
چېقىۋەتكۈم كېلىدۇ دەرھال.
بار سېنىڭدە نازۇك بىر يۈرەك،
تەكچىدىكى جانان چىنىدەك.
دەيمەن ھېچكىم تەگگۈزمىسۇن قول،
ئۇ چىنىگە مېنىڭدىن بۆلەك.
سەن مەن ئۈچۈن بىر پارچە شېئىر،
ئىزدەيمەن ئۇنىڭدىن پىكىر،
بار پەقەتلا تاتلىق ھېسىيات.
 
قەشقەردىكى ئاياللار
ئەرلەر قۇرغان دۆلەتتە ياشار،

چۈشۈرىدۇ تەختتىن ئۇلار،
ۋە شاھ قىلار خالىسا سېنى.
بەرگەن چاغدا ئۇلار مىھرىنى،
ئايلىنىدۇ ئەرلەر شائىرغا.
ئېرىشىدۇ نوبىلغا ھەتتا.
ئەگەر ئۇلار قىلمىسا ئىنساپ،
ئايلىنىدۇ ئاقىل ساراڭغا.


رومان يازار يازغۇچى ئەختەم،
ئورگىنالنى رەتلەپ خانىمى
كۆچۈرىدۇ ياندا پەم بىلەن.
ھەسرەتلەنسە تارىخچى بوۋاي،
مومىيىمۇ چېكەر بىرگە غەم.
 

غەمكىن شائىر يوللاي سالام
پەقەتلا قەشقەر گۈزەللىرىگە.
ھېيتگاھتا نان سىتىپ يۈرگەن
يۈزى تارىخ مىسكىن مومايغا.
لەڭپۇڭچىغا،ئاشپەز ئايالغا،
ئۆپكە-ھېسىپ ساتقۇچىلارغا.
ئۇيغۇر شىپاخانىسىنىڭ
ئاياللار بۆلۈمىدىكى
ھەربىر بىمارغا.
توپا باشقان يوللاردا كېتىۋاتقان
تۆت پەسىلنىڭ باغچىسى بولمىش
گۈل بەدەنلىك قىز-جۇۋانلارغا.
سالام بېرەر ئوتتۇرا ئاسىيا،
سالام يوللار بىپايان دۇنيا،
قەشقەردىكى قىز-ئاياللارغا.
مەپە ۋە سەھەر
ئاق قاشقىلىق ئاتنىڭ كۆزىگە
چۆكۈپ كەتى قۇياشلىق شەھەر.
ئادەم ۋە ئالەم
يارىتىدۇ ئۆز تارىخىنى
ئېقىپ كەتكەن يۇلتۇزغا قەدەر.
يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىگىدە،
نۇرلانماقتا قەدىمىي شەھەر. 
 
🤯4💔4
💔يىللار ئۆتكەنسىرى بۇ قۇرلارنى كۆپ ئەسلەيدىغان بوپ قالدىم 💔💔💔



سەھرا(بىز ۋەتەن دەپ يىغلايمىز😭)

يۈرىمەن شەمۇ - شەھەر
كۆزئالدىم ئىگىز بىنا
ناتونۇش ھەممە چىراي
تۇغۇلار مىڭبىر سوئال

تونۇماس ھېچكىم سېنى
سورىماس سىرلىرىڭنى
ئانا تىل بولدى كېكەچ
قىلالماي سۆزلىرىڭنى

مىسكىنلىكنىڭ ھەسرىتى چەكسىز
قىززىقمايدۇ ھېچكىم سىرىڭغا
نەچچە مەرتە سۆيگۈڭ كىلىدۇ
لاي كوچىدا قالغان ئىزىڭغا

ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭللانمىغاچ ئۇيغۇر ناۋاسى


تاپالمايسەن سەھرالىرىدىن
ساڭا تونۇش كۆكلەم ھىدىنى
چۈشلىرىمدە چىللايدۇ خوراز
سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى


ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت - بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭللانمىغاچ ئۇيغۇر ناۋاسى
ئەي ۋەتەن ......ئەي ۋەتەن......ئەي ۋەتەن


T.me//kalbimga_hitab
🍓7😢1
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
‼️‼️‼️‼️‼️‼️‼️‼️‼️‼️‼️

<سۈنئىي ئەقىل > نىڭ يەنە بىر خەتىرى ⚡️

🚨🚨🚨🚨دىققەت‼️‼️‼️‼️

ۋەتەندىن ئاتا _ئانا قېرىنداش تۇققانلىرىمىزنىڭ بىر بارچە رەسىمىنى ،ئاۋازىنىڭ ئاھاڭىنى تىپىپ مانداق ھالەتتە ۋېدىئو ئىشلەش ئادەتتىكى ئىشلاركەن مانا.

راس ئاتا ئانام....چېغى دەپ ئالدىنىپ تېلفۇن ئالاقە ئورنىتىپ قىلمايلى
زىيان يەنىلا شۇ ئاتا _ ئانا قېرىنداشلىرىمىزغا بولۇپ قالمىسۇن🥹.

ئاللاھ بىزلەرنى دۇنيا ئاخىرەتتە خەيرىلىك ئۈستىگە جەم قىلىپ بەرسۇن 🤲🥹.

كۆپ قېرىنداشلانىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قويايلى.


t.me/kalbimga_hitab
🤯13
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
قاينىغان ۋىجدان🚨

<قالاقلىق> تىن < مەدەنىيەت > كە كۆتۈرۈلگىچە .....


نىمىلەرگە ئېرىشتۇق ... نىمىلەرنى يوقاتتۇق ؟؟ ‼️‼️



T.me//kalbimga_hitab
💔19
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
ئانچە مۇنچە يىغلاپ قويۇڭ ..

ئەمما دائىم ئەمەس!!! چۈنكى___

💧كۆز يېشى سالامەتلىككە پايدىلىق بولغىنى بىلەن، يۈرەكنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ ‼️‼️‼️

پىنھان(2002_يىل)


T.me//kalbimga_hitab
🍓8👍2
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
ئاتىنىڭ كۆڭلى بالا دا 🥹
بالىنىڭ كۆڭلى تالا دا 💔


T.me//kalbimga_hitab
💔13
Media is too big
VIEW IN TELEGRAM
بۇ ئۆيدە ئەركەك تىخى ئۆلگىنى يوق !!!


T.me//kalbimga_hitab
👍8
Media is too big
VIEW IN TELEGRAM
6ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تىلىفۇن بەرمەڭ‼️


T.me/kalbimga_hitab
🤯9🍓2
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
نىيىتىڭنى گۈزەل قىل 💐 ساڭا قايتىپ كىلىدىغىنى ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەلدۇر !!!


t.me//kalbimga_hitab
💯12🍓1
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
تىل يېزىقىمىزنىڭ تۈرلىرىنى بىلەمسىز؟؟

T.me//kalbimga_hitab
🍓4
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
ئۇيغۇرۇمنىڭ ھەممە نىمىسى چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن كۆزىمىزگە ....

T.me//kalbimga_hitab
🍓8
كۈنىمىزنى ئەتىگەنلىك زىكىر بىلەن باشلايلى

T.me//kalbimga_hitab
🏆2
گۇناھلارنى تۆكىدىغان كەلىمىلەر ..

تارقىتىپ __ تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنى ئەسلىشىگە ۋەسىلە بولۇڭ .. 🌹

T.me//kalbimga_hitab
💯9
#ۋاقىتلىق

ۋاپات تاپقان ۋاقتىڭدا سەن تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغان نەرسە سىنىڭ ئىسمىڭ، سەن ۋاپات تاپقان ۋاقتىڭدا ئۇلار سەن توغۇرلۇق جەسەت قەيەردە دەيدۇ، ئىسمىڭ بىلەن چاقىرمايدۇ.
ۋە ساڭا ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا جىنازىنى ئىلىپ كىلىڭلار دەيدۇ ئىسمىڭ بىلەن چاقىرمايدۇ.
ۋە سىنى دەپنە قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا مىيىتنى سۇنۇپ بىرىڭلار دەيدۇ، ئىسمىڭ بىلەن چاقىرمايدۇ.
قەبىلە ئۇرۇقۇڭ، مەنسىپىڭ، نەسەبىڭ سىنى ئالداپ قويمىسۇن،
بۇ دۇنيانىڭ نىمە دىگەن ۋەزنى يىنىك ھە !
بىز ئۇنىڭغا قاراپ كىتىۋاتقان نەرسە نىمە دىگەن كاتتا !
ئىي ئاللاھ بىزنىڭ ۋە ئاتا ئانىلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن، بىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ۋاپات تاپقۇزغىن ...ئامىن

تەرجىمىدە: باھادىر ھارۇن

كۆچۈرۈلدى.


T.me//kalbimga_hitab
😢8