🌿 جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى
جۈمە — قەلبلەر تەۋبە بىلەن يۇمشايدىغان،
دۇئالار ئۈمىد بىلەن ئاسمانغا كۆتۈرۈلىدىغان كۈن. 🤲🏻
جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ بىرى.
پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېگەن:
«إِنَّ مِنْ أَفْضَلِ أَيَّامِكُمْ يَوْمَ الْجُمُعَةِ»
«كۈنلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بىرى جۈمە كۈنىدۇر.»
(ئەبۇ داۋۇد)
جۈمە كۈنىدە:
🕌 جۈمە نامىزىغا بېرىش ۋە خۇتبىنى جىمجىت ئاڭلاش.
🌹 پەيغەمبەر ﷺ غا كۆپ سالاۋات ئېيتىش.
📖 سۈرە كەھفنى ئوقۇش.
🤲 دۇئا قىلىش؛ جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بار.
🌿 غۇسۇل قىلىش، پاكىزلىنىش ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىش سۈننەتتۇر.
ئاللاھ دۇئالىرىمىزنى قوبۇل، قەلبلىرىمىزنى نۇرلۇق، ھاياتىمىزنى بەرىكەتلىك قىلسۇن. 🤲🏻
@alimlar

❤5👍4
Forwarded from 🌺ئىلىم __جەننەت يولى 🌺 (سوف تعلمون)
https://t.me/uku55
بۇ ئۈممەتكە ئەڭ زىيانلىق كىشىلەر ئىلىمىگە خىيانەت قىلىپ، باتىلنى ھەق، ھەقنى باتىل كۆرسىتىپ خەلقنى قايمۇقتۇردىغان _ ئىلىمىنى ئازغىنا دۇنياغا ساتقان خىيانەتچى موللىلار ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ، ئىلىم تونىغا ئورىنىۋالغان جاھىللاردۇر .
ھەقىقەت مۇنبىرىدىن

Telegram
🌺ئىلىم __جەننەت يولى 🌺
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ
___《ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن.
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى.
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى.
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.》
_ئەلەق سۈرىسى

👍10❤2
مەسچىتتىكى دەرىستە بىر ئادەم،
پەسكەش ناخشا سورۇنىدا مىڭلىغان
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
《 يەر يۈزىدە يولسىزلىق قىلىپ تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار توغرا يولنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، ئازغۇنلۇق يولىنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولغانلىقىدۇر.》
146. ئايەت، ئەئراف سۈرىسى

😢15💔3👍1
Forwarded from الشيخ عبد الرزاق المهدي
كلمة تتعلق بحفلة أصالة التي لا علاقة لها بالأصالة...
فبلاد الشام افتتحها أصحاب رسول الله عليه الصلاة والسلام بالسيف وبالقرآن ولم يأذنوا بغناء ولا موسيقا ولا اختلاط ولا فحش وتمايل ورقص..
إلا آني آثرت التوقف عن الكتابة عن الغناء وحفلة أصالة نصري التي سيكون فيها ما يسخط الله عز وجل -
بعد أن شاهدت صورا لرجال يمزقون صورا ولا فتات لأصالة..
فقلت في نفسي المزيد من الكتابة قد يؤدي إلى عنف ومشاكل ويغضب الحكومة..
وخاصة بعد أن كتب الدكتور موفق زيدان مستشار رئاسة الجمهورية وأصل لأصالة وجعلها رمزا من رموز الفن ومدماكا..!!!
فإنا لله وإنا إليه راجعون!
وأقول للدكتور موفق زيدان: ستتحمل وزر ذلك يوم القيامة أنت ووزير الثقافة وكل من يدعم ويؤيد ويرعى هذه الحفلات والغناء.
وحسبنا الله ونعم الوكيل.
الشيخ عبد الرزاق المهدي

👍8❤1
ئەسلىلىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەسالەنىڭ كونسېرتى ھەققىدە بىر سۆز...
شام زېمىنىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قىلىچ ۋە قۇرئان بىلەن فەتھ قىلغان. ئۇلار بۇ يەردە ناخشا-مۇزىكىغا، ئەر-ئايالنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە، ئەخلاقسىزلىققا، ئەيىپ ئىشلارغا، لەرزان تەرەپكە ۋە ئۇسسۇلغا رۇخسەت قىلمىغان.
لېكىن مەن ناخشا ۋە ئەسالە ناسرىنىڭ ئاللاھ تائالانى نارازى قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونسېرتى توغۇرلۇق يېزىشنى توختىتىشنى توغرا كۆردۈم
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسالەنىڭ رەسىملىرى ۋە ئېلانلىرىنى يىرتىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا ئۆز-ئۆزۈمگە: «بۇ ھەقتە كۆپرەك يېزىش زوراۋانلىققا سەۋەب بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدىم.
بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەت رەئىس مەسلىھەتچىسى دوكتور مۇۋەپپەق زەيدان ئەسالەنى ماختاپ، ئۇنى سەنئەتنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى، ھەتتا سەنئەتنىڭ بىر تۈۋرۈكى سۈپىتىدە كۆرسەتكەندىن كېيىن، بۇ مەسىلە تېخىمۇ روشەن بولدى.
«إنا لله وإنا إليه راجعون» — بىز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىمىز ۋە چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز!
مەن دوكتور مۇۋەپپەق زەيدانغا شۇنى دەيمەنكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئىشنىڭ گۇناھ يۈكىنى سىز، مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋە بۇنداق كونسېرت ۋە ناخشىلارنى قوللىغان، قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياكى ئۇلارنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ھىمايە قىلغان ھەر بىر كىشى كۆتۈرىدۇ.
بىزگە ئاللاھنىڭ ئۆزى يېتەرلىك، ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ۋاكالەتچىدۇر.
— شەيخ ئابدۇراززاق مەھدى

👍24❤1💯1
ئالىملارنىڭ جىھادىدىن تاللانمىلار
Video
كۆپىنچە كىشىلەر كۈلۈش ۋە باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولىدۇ. ئەمما ئاللاھنى زىكىر قىلىش، قۇرئاننى ئۆگىنىش ۋە تەدەببۇر قىلىش، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلاش ئۈچۈن جەم بولىدىغانلار بەك ئاز.
مەن كۈلمە دېمەيمەن، لېكىن نېمىگە كۈلىۋاتىسەن؟
سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەمراھ بولۇشنىڭ ئۆزىلا ساڭا ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك مېۋىلىرىدىن بىرى — مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلەر پايدا بەرمەيدىغان، پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن كىشىلا نىجات تاپىدىغان كۈندە، رەھماننىڭ ئەرشىنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىلىنىشتۇر.
ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: مېنىڭ جەلالىم ئۈچۈن بىر-بىرىنى سۆيگەنلەر قېنى، مەن ئۇلارنى ئۆز سايەمگە ئالىمەن؛ بۈگۈن مېنىڭ سايىمدىن باشقا سايە يوق» دەيدۇ.
يەنە شۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىككى، بىر بەندە سالىھلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا قوشۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ، گەرچە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئۆزى تولۇق قىلمىغان بولسىمۇ.
«سەھىھەين»دە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىر قەۋمنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما ئۇلارغا ئەمەلدە يېتەلمىگەن كىشى ھەققىدە نېمە دەيسىز؟» دەپ سورىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن بىللە بولىدۇ. دەپ جاۋاب بەردى.

❤8👍3
Forwarded from ئويۇلتاش (قوغدىغۇچى)
دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بىرى تا ھازىرغا كەلگۈچە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن ھۆكۈمدارلار بەكلا ئاز، ھەتتا تۆت خەلىپە دەۋرىدىن كىيىن ئوسمانى خىلاپىتىگىچە بولغان ھۆكۈمدارلار ئىچىدىمۇ ساناقلىق.
ئادالەت ئۇ ئاللاھ نىڭ ئىسىم سۈپىتىدىن بىرى، ئادالەت شۇ قەدەر ئۇلۇغ نەرسىكى، پەقەت ئۇلۇغ كىشىلەرلا ئادالەت قىلالايدۇ.
ئادالەت ئىنتايىن تەس ۋە ئاچچىق نەرسە.
بەزىدە بىرسىنىڭ يۈز ئابرويىغا تاقىشىدۇ، بەزىدە مال مەنسىبىگە تاقىشىدۇ، بەزىدە بىرنىسىڭ ئاجىزلىقىغا، بەزىدە كۈچلۈك لىكىگە تاقىشىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى، بۇ ھاياتتا بەكلا ئاز ئۇچرىتىمىز.
ھەئە ئەسلى شۇنداق، توغرا ، لىكىن.... دەيدىغان ئىشلارمۇ ئادالەت يوق يەردە بۇلىدۇ.
ئادالەتلىك زاد ئىگىمىز ئاللاھ، پەقەت بۇ دۇنيانىلام ئەمەس يەنە بىر دۇنيانىمۇ ياراتقان.
ھەر بىر بەندە بۇدۇنيادىن كۆز يۇمغان ھامان ھېچقانداق زۇلۇم بولمىغان بىر دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.
ئىنسان تۇنجى بۇلۇپ قەبرىدە، ئادالەتسىزلىكنىڭ نىمە لىكىنى بىلمەيدىغانلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
نەكىر مۇنكەر پەرىشتىلەر.
ئۇلار ھېچكىمنى تۇنىمايدۇ.
بايمۇ نامراتمۇ، ئەرمۇ ئايالمۇ.
بۇدۇنيادا قانداقلا ئورۇنغا بارساق بىزنى ياقتۇرىدىغان ياكى يامان كۈرىدىغان، ۋە شۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئۇچراپ قالىدۇ.
ياقتۇرىدىغانلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئىشىمىزنى ھەل قىلىدۇ.
يامان كۈرىدىغانلارمۇ قولىدىن كەلگىنىچە يەنى ئىت بولسا ئىتچە پىت بولسا پىتچە يامانلىق قىلىۋالىدۇ.
لىكىن بۇ پەرىشتىلەردە
ئىچ ئاغرىتىدىغان ياكى نەپرەتلىنىپ بەكرەك زۇلۇم قىلىدىغان ئاڭ يوق.
گۇناھكارنىڭ ئاھ زارنى ئاڭلىمايدۇ . كىم نىمىگە لايىق بولسا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.
قەبرە ھاياتى تۈگەپ پۈتكۈل ئىنسانلار يەردىن ئۈنۈپ چىقىپ مەھشەر مەيدانىغا ماڭىدۇ.
بۇ يولدا پۇلدارلار ماڭىدىغان مەنسەپدارلار ماڭىدىغان ئايرۇپىلان ياكى ماشىنا يوق، تۇنۇشلىرى جېقلامۇ بىرەسىنىڭ كەينىگە مىنىۋالالمايدۇ.
پەقەت بۇدۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قاراپ تىز ئاستا ماڭىدۇ، قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا جاپا ۋە راھىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئادالەتلىك رەببىمىز تارازىنى ئورنىتىپ ئەمەللەر تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيادىكىگە ئوخشاش كىم بەك كۆز كۆز قىلسا، ياكى ئارقا ئىشىك قىلسا ياخشى ھىسابلىنىدىغان ئىش يوق، ئاشكارە ياكى مەخپى قىلىنغان ياخشى يامان ئەمەللەر بولسۇن ھەممىسى تارتىلىدۇ.
بىرسىنىڭ يېشىغا، يالۋۇرۇشلىرىغا قاراپ رەھىم قىلىنمايدۇ.
بىرسىنىڭ تۈۋەن تەبىقە ياكى ئاجىزلىقىغا قاراپ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
بەكرەك گەپدان شىلامچى خۇشامەتچىلەر ياخشى سانىلىپ، ئىچ كۆڭەل سەمىمى كىشىلەر قارلىنىپ قالدىغان ئىشمۇ بولمايدۇ.
زالىملار ھېچ ئارزۇ قىلمايدىغان، مەزلۇملار ئويلىسا تەسەللى تېپىپ قەلبى راھەتلىنىدىغان كۈن، ئادالەتلىك زاتنىڭ تارازىنى قوياپ ئىنسانلارغا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان ھىساب كۈنىدۇر.
بۇ كۈنگە ئىشەنگەن مەزلۇملار بۇ دۇنيانىڭ ئادالىتىگە ئېرىشەلمىگەندە، قىيامەتكە قويدۇم دىگەن ئاددى، لىكىن ئادەمنى تىتىرتىدىغان سۆزنى ئىشلىتىدۇ....لكىن بەزى زالىملار بۇنداق سۆزلەرگە بەك ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدۇ .چۈنكى ئۇنىڭ باشقلارغا قلغان تەكرار زۇلۇملىرى ئۇنىڭ ھەقنى ئاڭلايدىغان قۇلۇقنى پاڭ، ھەقنى كۆرىدىغان كۆزنى كور قلغاندۇر.
ئاللاھ شۇكۈننىڭ دەھشىتىدىن پاناھ بەرسۇن.
شۇ كۈندىكى سۇئال سوراقتىن، ئاسان ھىساب بىلەن ساق سالامەت ئۆتكىلى نىسىپ قىلسۇن.🤲
🌱✍️
https://t.me/UYultaX

❤11👍4
Forwarded from گۈزەل تەبىئەتتىن ئۈگۈنەيلى. تەبىئەتتىن كەلگەن ئىلھام.
This media is not supported in your browser
VIEW IN TELEGRAM
🌙 ئەزىز دوستلار ۋە ئىلىم ئالغۇچىلار!
بۇ كېچىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن پايدىلىنايلى!
بۇ كۈنلەردە خۇپتەن بىلەن بامدات ئەزىنى ئارىلىقى تەخمىنەن 8 يېرىم سائەتكە يېتىدۇ، بارغانسېرى كېچە يەنىمۇ ئۇزىراپ ماڭىدۇ.
ۋاقىتنى ئۈنۈملۈك تەقسىملىگەن كىشى ئۈچۈن بۇ چوڭ بىر غەنىيمەتتۇر:
• ────── ✾ ────── •
سەھەرنىڭ بەرىكىتى:
خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن بالدۇر ئۇخلاش بەدەن ۋە زېھىنىمىزگە يېتەرلىك ئاراملىق، راھەت بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەھەردە بامداتتىن بورۇن دەرس تەكرارلاش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن تېتىك ئويغىنىمىز.
ئۆزىمىزنى ياخشىلىقتىن قۇرۇق قويمايلى:
ئەگەر سەھەردە بالدۇر ئويغىنىش قىيىن توختىسا، خۇپتەندىن كېيىن ھېچ بولمىغاندا يېرىم سائەت بولسىمۇ كىتاب كۆرەيلى. چۈنكى ئىلىم ئالغۇچىنىڭ كېچىنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىشى مۇۋاپىق ئەمەستۇر!
• ────── ✾ ────── •
كېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ۋاقىتنىڭ بەرىكىتىنى غەنىيمەت بىلەيلى، بۇ قىممەتلىك ۋاقىتلارنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتمەيلى!
https://t.me/tabieatt/2898
كېچە ئالىمغىمۇ، ئابىدقىمۇ، ئاشىققىمۇ غەنىيمەت.

❤11👍5
Forwarded from ئويۇلتاش (قوغدىغۇچى)
دىدىمغۇ «ئانىنىڭ دۇئاسى ئۆزگىچە ئىجابەت»..
مەشھۇر ھەدىسشۇناس مۇھەممەد بىن ئىسمائىل «ئىمام بۇخارى» ھەققىدە ئانىسى مۇنداق دەيدۇ،
ئوغلۇم كىچىكلىكىدە دادىسىدىن يىتىم قېلىپ ئەما بۇلۇپ قالغان قارغۇ بالا ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ھالى مىنى ئازاپلايتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن كىچە كۈندۈز ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا تىلەكتە بۇلۇپ ئوغلۇمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىشىنى سوردۇم، مەن ئوغلۇم ئۈچۈن كىچىلىرى ئۇخلىماي دۇئادا بۇلاتتىم،
بىر ئاخشىمى يەنە ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئېلىپ، نامىزىمنى ئۇقۇپ ئاللاھقا ئەرىز تەلىۋىمنى سۇنۇشقا باشلاپ دۇئاغا قول كۈتۈردۈم، مەن ھەر كىچىسىدىكىدەك يىغلاپ يالۋۇرۇپ ھالىمدىن كىتىپ جاينىمازدا ئۇخلاپ قاپتىمەن، گەرچە ئۇيقۇم ئۇزۇن داۋام ئەتمىگەن بولسىمۇ لىكىن بىر چۈشۈم مىنى چۈچۈتكەن ئىدى،
مەن چۈشۈمدە " خليل الله " دەپ ئاتىلىدىغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆردۈم، ئۇ ماڭا خىتاپ قىلىپ ؛ سىزنىڭ توختىماي قىلىۋاتقان دۇئالىرىڭىزدىن پەرىشتەلەر ھەيران قالدى، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ سىزنىڭ دۇئايىڭىزنى ئىجابەت قىلىپ ئوغلىڭىزنىڭ كۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ كۈرىدىغان بىجىرىم قىلدى، دىدى.
مەن قۇپۇپلائوغلۇمنى ئويغاتتىم، دەرۋەقە ئۇنىڭ كۈزى ئەسلىگە كىلىپ مۇتلەق ساقايغان ئىدى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنى ئاللاھ يۇلىغا ئاتاپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بەردىم، ئۇ ئىمام بۇخارى بولدى ..
سەۋىر تىلەك قانچىلىك چوڭ بولسا بىرىلىدىغان مۇكاپاتمۇ شۇنچىلىك بۈيۈك شۇنچىلىك گۈزەل بۇلىدۇ..

👍13❤5💯1
Forwarded from ئۇستاز مۇھەممەد قانىلى
ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ رەھىمەھۇللاھ (ھىجرىيە 120- يىلى ۋاپات بولغان) ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىپ، ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ قېشىغا كىردى. ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئۆز تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئەتراپىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر بار ئىدى.
ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھنى كۆرۈپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەردى ۋە ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە تەختتە ئولتۇرغۇزدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ: «ئى ئەبۇ مۇھەممەد! نېمە ھاجىتىڭ بار؟» دەپ سورىدى. ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ: «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدە ﷲتىن قورققىن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇۋاتىسەن. (ئىسلام) چېگرالىرىنى قوغداپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ھەققىدىمۇ ﷲتىن قورققىن، چۈنكى ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ قالقىنىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغىن، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ يالغۇز ئۇلار ھەققىدە سورىلىسەن. (ھاجەت ئۈچۈن) ئىشىك ئالدىغا كەلگەنلەر ھەققىدىمۇ ﷲتىن قورققىن، ئۇلاردىن غاپىل قالمىغىن ۋە ئىشىكىڭنى ئۇلارغا تاقىۋالمىغىن!» دېدى.
ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان: «ھەئە، شۇنداق قىلىمەن» دېدى. ئاندىن ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغانىدى، ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان (ئۇنىڭ قولىنى) تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئى ئەبۇ مۇھەممەد! سەن پەقەت باشقىلارنىڭ ھاجەتلىرىنىلا سورىدىڭ، بىز ئۇ ھاجەتلەرنى ئادا قىلدۇق. ئەمدى ئۆزۈڭنىڭ نېمە ھاجىتىڭ بار؟» دەپ سورىدى. ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ: «مېنىڭ مەخلۇققا ھاجىتىم يوق!» دەپ جاۋاب بېرىپ چىقىپ كەتتى.
ئاندىن ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان: «قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقىي شەرەپ مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. قەسەم قىلىمەنكى، ئالىيجانابلىق مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!» دېدى.
قانىلىمىزغا ئەگىشىۋېلىش ۋە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنۇتماڭ🎙🎙 👇
https://t.me/Ustaz_Muhammad_Tuba

ئۇستاز مۇھەممەد قانىلى
بۇ قانالغا ئۇستاز مۇھەممەد (تۇبا داموللام)نىڭ دەۋەت ۋە دەرسلىرى يوللىنىدۇ.
«ئۇستاز مۇھەممەد قانىلى»مىزنىڭ ئەزىز
ئىشتىراكچىلىرى، «ئۇستاز مۇھەممەد دەرىسلىكلىرى» نامدىكى قانىلىمىز تۇيۇقسىز يۇيۇۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يىڭى قانالنى ئاچتۇق.

❤8👍4