يازلىق تەتىللىك دەرسلىرىمىز ئوماقلىرىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يازلىق تەتىللىك ئانا تىل دەرسى يەنە بۇ يىلمۇ ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يازلىق تەتىلىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزشنى مەقسەت قىلغان «خوش كەلدىڭ يازلىق تەتىل» تېمىسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىرۇگراممىمىز بۇ يىلمۇ يەنە پەرزەنتلىرىمىزگە سۇنۇلىدۇ.
بۇ يىلقى دەرس پىرۇگراممىز ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قۇرئان دەرسلىرى، ماتېماتىكا ۋە ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشقا يىللارغا قارىغاندا پەرىقلىق ھالدا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش سېستمىسى بويىچە داۋام قىلىدۇ.
دەرسلەر ھەقسىز بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش پىرۇگراممىسىغا پەرزەنتلىرىنى تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
تىزىملاش ۋاقتى: 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە.
ياش ئۆلچىمى: ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel: 05396188847 05349626929
ئادىرىسى: ناھىت مەنتەشە دۆلەت مەكتىپى ئىچىدە.

سۈنئىي ئەقىلنى چۈشىنىشنى خالامسىز؟
دەۋر پەن- تېخنىكىسىنىڭ بۈگۈنكى ھاسىلاتى بولغان سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى تۇرمۇشىمىزغا سېڭىپ كىرىشكە باشلىدى.
بۇ مۇھىم تېخنىكا ھەققىدە قىززىققۇچىلارغا تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن ھىرا كومپىيۇتېر تەربىيلەش مەركىزىدە «سۈنئىي ئەقىل ۋە بىز» ناملىق بىر قېتىملىق ھەقسىز لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلىرىمىزنىڭ بۇ بىلىملەردىن پايدىلىنىپ قىلىشىنى سورايمىز.
بۇ لېكسىيە جەريانىدا سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېخنىكىلىق تەرەپلىرى ۋە تور بىخەتەرلىكىگە ئائىت بىلىملەر تەپسىلى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
لېكسىيە ۋە سۇئال-جاۋاپ شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بۇ قېتىملىق ئىلىم سورۇنىنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز.
لېكسىيە ۋاقتى: 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچ سائەت 06:00 دە بولىدۇ.
ئورنى: ھىرا كومپىيۇتېر تەربىيلەش مەركىزى
2026-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

❤2
كومپىيۇتېر ئاساسى سەۋىيە سىنىپى سىزنى قارشى ئالىدۇ.
ھىرا كومپىيۇتېر تەربىيلەش مەركىزىنىڭ كومپىيۇتېرنى نۆل سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ئېچىلماقچى بولغان يېڭى سىنىپ 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى دەرس باشلايدۇ.
دەرسلەر نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئۈچ كۈنلۈك سىناق دەرسىگە قاتنىشىپ بېقىپ ئاندىن تىزىملىتىشىڭىزنى سورايمىز.
دەرس ھەپتىدە بەش كۈن مۇقىم داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ سائەت 18:00 دە باشلىنىدۇ.
بەلگىلەنگەن دەرس پىرۇگراممىلىرىنى لاياقەتلىك ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان دېپلۇم چىقىرىپ بېرىلىدۇ.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ!
Tel: 05396188847 05349626929
Adres: Kemalpaşa Mah. Akıncı Sok. No:5A Küçükçekmece.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى، نوقۇل ھالدا « ئېلىپبە» ئوقۇتۇش مائارىپىلام ئەمەس، ئۇنىڭغا بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدى ۋە تەقدىرى يۈكلەنگەن.
2026-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزگە يىل بويى داۋام قىلىدىغان سىنىپ ھەمدە توردىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئانا تىل مائارىپى كەڭ كۆلەملىك سۇنۇلىدۇ.
ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈش ۋە خەلقئارالاشتۇرۇش، ئوقۇش يېشىدىكى بارلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزگە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ئوقۇشتىن بەھرىمان قىلىش، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمىتىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزگە سۇنماقچى بولغان بۇ خىزمىتىمىز قۇتلۇق بولسۇن، ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىڭلارنى سورايمىز، رەھمەت!
ھۆرمەت بىلەن: ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى
ھىرا پەن- تېخنىكا ۋە تەرەققىيات ۋەخپى
2026-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

❤5
يازلىق تەتىللىك دەرسلىرىمىز ئوماقلىرىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يازلىق تەتىللىك ئانا تىل دەرسى يەنە بۇ يىلمۇ ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يازلىق تەتىلىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزشنى مەقسەت قىلغان «خوش كەلدىڭ يازلىق تەتىل» تېمىسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىرۇگراممىمىز بۇ يىلمۇ يەنە پەرزەنتلىرىمىزگە سۇنۇلىدۇ.
بۇ يىلقى دەرس پىرۇگراممىز ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قۇرئان دەرسلىرى، ماتېماتىكا ۋە ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشقا يىللارغا قارىغاندا پەرىقلىق ھالدا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش سېستمىسى بويىچە داۋام قىلىدۇ.
دەرسلەر ھەقسىز بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش پىرۇگراممىسىغا پەرزەنتلىرىنى تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
تىزىملاش ۋاقتى: 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە.
ياش ئۆلچىمى: ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel: 05396188847 05349626929
ئادىرىسى: ناھىت مەنتەشە دۆلەت مەكتىپى ئىچىدە.
ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يازلىق تەتىللىك ئانا تىل دەرسى يەنە بۇ يىلمۇ ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يازلىق تەتىلىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزشنى مەقسەت قىلغان «خوش كەلدىڭ يازلىق تەتىل» تېمىسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىرۇگراممىمىز بۇ يىلمۇ يەنە پەرزەنتلىرىمىزگە سۇنۇلىدۇ.
بۇ يىلقى دەرس پىرۇگراممىز ئۇيغۇر ئانا تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قۇرئان دەرسلىرى، ماتېماتىكا ۋە ئىنگىلىز تىلى قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشقا يىللارغا قارىغاندا پەرىقلىق ھالدا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش سېستمىسى بويىچە داۋام قىلىدۇ.
دەرسلەر ھەقسىز بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئوقۇتۇش پىرۇگراممىسىغا پەرزەنتلىرىنى تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
تىزىملاش ۋاقتى: 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە.
ياش ئۆلچىمى: ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel: 05396188847 05349626929
ئادىرىسى: ناھىت مەنتەشە دۆلەت مەكتىپى ئىچىدە.
❤2👍2
كومپىيۇتېرنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئۆگەنمەكچى بولغان دوستلارغا كەچلىك يېڭى سىنىپ!
ھىرا كومپىيۇتېر تەربىيلەش مەركىزىنىڭ كومپىيۇتېر ئاساسى سەۋىيە تور سىنىپى 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلىنىدۇ.
دەرس توردا نەق مەيدان شەكىلدە ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر دەرسنى سىز ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ بىمالال ئۆگىنەلەيسىز.
دەرس ھەپتىدە بەش كۈن مۇقىم داۋام قىلىدىغان بولۇپ، نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈپ ئۆتۈلىدۇ.
دەرس ۋاقتى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت06:00دە.
ئوقۇماقچى بولغان دوستلارنىڭ 3 كۈنلۈك دەرسكە قاتنىشىپ بېقىپ قارار قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
پىلاندا بەلگىلەنگەن پىرۇگراممىلارنى لاياقەتلىك ئوقۇپ تۈگەتكەن قېرىنداشلارغا دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان دېپلۇم چىقىرىپ بېرىلىدۇ.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ!
Tel:05396188847 05349626929
Adres: Kemalpaşa mahallesi akıncı Sokak No:5 A Küçükçekmece.
https://t.me/HiraFoundation
نامىدىكى تىلىگرام قانىلىغا ئەگىشىۋىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن سىز ئىزدىگەن ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيسىز، ئەگىشىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ!

Telegram
ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى
🟢دەرس ئۇچۇرلىرى
🟢كىتاپ-ماتىرىياللار
🟢ئۇيغۇرچە كارتونلار
🟢ئاۋازلىق ئەسەرلەر
🟢كىتاپ-ماتىرىياللار
🟢ئۇيغۇرچە كارتونلار
🟢ئاۋازلىق ئەسەرلەر
👍3
كومپىيۇتېردا گىرافىك لايىھىلەش تېخنىكىسنى ئۆگىنىڭ
دەۋرىمىزدىكى مۇھىم تېخنىكىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولغان كومپىيۇتېردا گىرافىك لايىھلەش تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھەم قولاي ھەم تېخىمۇ يېڭىچە بىر ئۇسلۇپ بىلەن جەمئىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.
كومپىيۇتېر گىرافىك لايىھىلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھىرا گىرافىك لايىھىلەش يىڭى سىنىپى 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دەرس باشلايدۇ.
دەرس توردا نەق مەيدان شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىدۇ.
مەزكۇر سىنىپ ھەپتىدە بەش كۈن مۇقىم داۋام قىلىدىغان بولۇپ، نەزىرىيە ۋەئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلىدۇ.
ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel: 05396188847 05349626929
Adres: Kemalpaşa Mah. Akıncı Sok. No:5A Küçükçekmece.
دەۋرىمىزدىكى مۇھىم تېخنىكىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى بولغان كومپىيۇتېردا گىرافىك لايىھلەش تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھەم قولاي ھەم تېخىمۇ يېڭىچە بىر ئۇسلۇپ بىلەن جەمئىيىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.
كومپىيۇتېر گىرافىك لايىھىلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھىرا گىرافىك لايىھىلەش يىڭى سىنىپى 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دەرس باشلايدۇ.
دەرس توردا نەق مەيدان شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىنىدۇ.
مەزكۇر سىنىپ ھەپتىدە بەش كۈن مۇقىم داۋام قىلىدىغان بولۇپ، نەزىرىيە ۋەئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلىدۇ.
ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel: 05396188847 05349626929
Adres: Kemalpaşa Mah. Akıncı Sok. No:5A Küçükçekmece.
ئىنگىلىز تىلى سۆزلىشىش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسىڭىز، ھىرا ئىنگىلىز تىلى كۇلۇبىنىڭ ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 05:00 تە چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن ھەقسىز يېتەكلىنىۋاتقان ئىنگىلىز تىلى مەخسۇس سۆزلىشىش دەرسىگە ئىشتىراك قىلىڭ!
مەزكۇر ئىنگىلىز تىلى كۇلۇبىمىز ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنگىلىز ئېغىز تىلىڭىزنى مەشىق قىلىشىڭىزغا ياردەمچى بولغۇسى.

سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى دەۋرىمىزدىكى مۇھىم تېخنىكىلىق بىلىم بولۇپ، ئۇ قانداقتۇر نوقۇل ھالدا سورىغان سۇئالغا جاۋاپ بېرىدىغان ۋە ياكى بىر- ئىككى جۈملە يېزىپ قويساق نېمە ئۇدۇل كەلسە شۇنى چىقىرىپ بېرىدىغانلا نەرسە ئەمەس.
سۈنئىي ئەقىلنى ئىشلىتىش ۋە ئۇ ئارقىلىق نۇرغۇن ئۈنۈملەرگە ئېرىشىش قاتارلىقلار ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىلىدىغان تېخنىكىدۇر.
ھىرا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكا تەربىيلەش دەرسىمىز 2026- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ تۈردە سېستىمىلىق ئوقۇماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان مەزكۇر سىنىپىمىزغا تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
دەرس توردا نەق مەيدان شەكىلدە ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچتە داۋام قىلىدۇ.
دەرس ھەپتىدە بەش كۈن مۇقىم داۋام قىلىدۇ.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel:05396188847 05349626929
Adres: Kemalpaşa mah. Akıncı sok. No:5A Küçükçekmece.

چوڭلار ئۈچۈن ئېچىلغان تۈرك تىلى دەرسىمىز باشلىنىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن، يېشى تەخمىنەن 60 ياشلاردىن ھالقىغان بىر ئانىمىزمۇ كېلىپ سىنىپىمىزغا قوشۇلدى.
گەرچە بۇ ياشتىكى چوڭلىرىمىزنىڭ دەرسىمىزگە ئىشتىراك قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولمىسىمۇ، ئۆگىنىش ئۈچۈن قەدەم باسقان بۇنداق مۇيسىپىتلىرىمىزنىڭ ئەستايىدىلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، ئوقۇشنىڭ قانداقتۇر ياۋرۇپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە 70 ياشتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى 80 ياشتا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن چەتئەللىك ياشانغان كىشىلەرگىلا خاس ئىش ئەمەسلىكىنى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئىلىم سۆيەر بىر خەلق ئىكەنلىكىمىز كۆز ئالدىمىزدا يەنە بىر قېتىم نامايەن بولاتتى.
بۇ ئانىمىز دەرسكە كەلگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپلا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى. تېكىستلەرنى دۇدۇقلاپ ئوقۇسىمۇ، خەت يازغاندا قوللىرى تىترەپ تۇرسىمۇ، ئەمما تاپشۇرۇقلارنى جايىدا ئىشلەپ سىنىپىمىزنىڭ ئاكتىپ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.
بۇ ئانىمىز بىر كۈنى ئۆزىنىڭ كىتاپتىكى خەتلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، كۆز ئەينەك تاقىغان تەقدىردىمۇ خەتلەرنى ئوبدان پەرق ئېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىر ئاز ئاستا ئوقۇپ كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈر سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياشانغان ئانىمىزنىڭ ئەستايىدىللىقى ھەم ئىپادىلەشتىكى ئوماقلىقى باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زوقىنى كەلتۈردى بولغاي ھەممە بىردەك -« ياقەي، ھېچقىسى يوق»- دەپ جاۋاپ بېرىشتى.
دەرس جەريانىدىكى (تۈركچە) ھەممە ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ سۆزلەش نۆۋىتى شۇ ئانىمىزغا كەلگىنىدە بولسا ئاستاغىنە ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
- مېنىڭ ئىسمىم….، مەن بۇ يىل65 ياشقا كىردىم، بىزنىڭ ئائىلىدە ئىككى كىشى بار، مەن ۋە مېنىڭ يولدۇشۇم. يولدۇشۇم 70 ياشقا كىردى، ئۇ بىر ئاتوليەدە ئىشلەيدۇ، ئۇ ئەتىگەن كېتىپ كەچتە قايتىپ كېلىدۇ. پەرزەنتلىرىمىز بولسا ۋەتەندە، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە باشقا پەرزەنتلىرىمىز ياكى تۇققانلىرىمىز بولمىغاچقا، ئاغرىپ قالساق دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇشتا ۋە باشقا ئىشلاردا بەك قىينالدۇق. شۇڭلاشقا يولدۇشۇم،- مەن ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ چىداپ ئىشلەي، سىز تۈركچە ئۆگىنىڭ!- دەپ، مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى دېگەن جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچە پۇراقتا ناھايىتى ئاستا ئەمما تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ھاياتىنىڭ نۇرغۇن قىسمىنى بىرگە ئۆتكۈزگەن بۇ بىر جۈپ قەدىناسلارنىڭ بىر- بىرىگە بولغان سۆيگۈ ۋە ھۆرمىتى، پەرزەنت پىغانىدا پۇچىلانغان يۈرەكلەر، ۋەتەن سېغىنىشى ھەم بىر ئەركەكنىڭ ئائىلىسىگە ئىگە چىقىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقلىرىنىڭ تامامى بىراقلا ئىپادىلەنگەن بۇ جۈملىلەر ھەممەيلەننى قاتتىق تەسىرلەندۈردىمۇ قانداق سىنىپنىڭ ئىچى بىر پەس جىمجىتلىققا چۆكتى. بەلكى ھەممەيلەن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاپ- ئوقۇبەتلەرگە چۆمگەن بولۇشى، جىسمى سىنىپتا بولسىمۇ روھلىرى ئەنە شۇ گۈزەل ئانا تۇپراقلارغا، سېغىنغان كىشىلىرىنىڭ قېشىغا كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى...
ئۇ كۈنى دەرسىمىزمۇ تۈگىدى.
بەلكىم ياشانغان ئانىمىزنىڭ بايام ئېيتقانلىرى ساۋاقداشلارغا بەك تەسىر قىلغاچقىمىكىن، دەرستىن كىيىن بىر قانچە ئايال ئوقۇغۇچىلار ياشانغان ئانىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئولۇشۇپ ئولتۇرۇپ سۇئال سوراشقا باشلىدى.
ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى: -ھاجىم ئاچا، سىلىنىڭ بۇ يەردە باشقا تۇققانلاريوقمۇ؟
ياشانغان ئانىمىز: - يوق، بۇيەردە ھېچقانداق تۇققىنىمىز يوق.
مەنمۇ بۇ دېئالۇگلارنىڭ داۋامىغا قىززىقىپ ئۇلارغا قۇلاق سالدىم.
بىز ئەسلى ھەج قىلغىلى چىققان،- دەپ گەپ باشلىدى ياشانغان ئانىمىز. لىكىن كىيىن ۋەتەنگە قايتالماي بۇ يەردە قىلىپ قالدۇق. بۇ يەردە ھاجىم بىلەن ئىككىمىز (يولدىشنى دېمەكچى) تۇرمۇشىمىزنى قامداش ئۈچۈن ئىش تېپىپ ئىشلىدۇق، باشقا ئىشلارنى قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر ئاتوليەدە ئىشلىگەنىدۇق، كىيىنچە ھاجىم مېنىڭ ئىشلىشىمگە يول قويمىدى، مىنى ئوقۇسۇن دەپ شارائىت يارىتىپ بەردى.
-سىلنىڭ ۋەتەندىكى بالىلار بىلەن ئالاقىلىرى يوقمۇ؟
-يوق، ھېچقانداق ئالاقە قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن ئەنسىرەپ، بىز ئۇلاردىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق ياشاپ كەتتۇق.
ئانىمىزنىڭ ئاۋازى ئاخىرقى سۆزلىرىنى دېگىنىدە تىتىرەش بىلەن پەسىيىپ قالدى.
-ئاللاھ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ بەرسۇن ھاجىم ئاچا، بىزمۇ سىلىنىڭ قىزلىرىغا ئوخشاش، ھەر قانداق ئىش بولسا بىز خىزمەتلىرىگە تەييار، ھەرگىز ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلمىسىلا.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بىرى شۇنداق دەپ تەسەللى بەردى.
-رەھمەت جىنىم بالىلىرىم، بىز كەلگەندىن بېرى ھەر ۋاقىت سىلەرگە ئوخشاش ياخشى نىيەتلىك قېرىنداشلرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتىمىز. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن.

🍓6👏1
ئانىمىزنىڭ بايامدىن بېرى ئېيتىۋاتقان ھەممە سۆزلىرى تەسىر قىلىپ تۇرسىمۇ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تۆۋەندىكى سۇئالىغا بەرگەن جاۋابى يۈرەكلەرنى يەنە بىر قېتىم تىتىرەتتى. بۇ جاۋاپ گويا بۇ ئانىمىز تۈركچىنى بىزدىن ئۆگەنسىمۇ، ھاياتلىق دەرسىنى، غورۇر دەرسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېنىدىكى ئەڭ ساپ بولغان بىر روھنى بىزگە دەرس قىلىپ سۆزلەپ بەرگەندەك بېلىنىپ كەتتى.
-ھاجىم ئاچا، سىلى ھەم ھاجىم ئاكىمىزمۇ خىلى ياشىنىپ قاپتىلا، سىلەرگە بىرەر دەرنەكلەردىن ياردەم قىلامدۇ؟
-ياق، -دېدى ئانىمىز قەتئى تەلەپپۇزدا. بىزگە كۆپ دېگەنلەر بولدى، ئەمما بىز ھەج ئۈچۈن يولغا چىققان. كىيىن ۋەتەنگە قايتالمىدۇق. بىز پەقەت رەببىمىزنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ھالالدىن مېھنەت قىلىپ ياشاپ كەلدۇق. بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىز قالمىدى، ئاخىرقى ئۆمرىمىزدە يەنە ھالاللىق بىلەن ياشاپ، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمىزنى كەلىمە شاھادەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىلى ئاللاھ نېسىپ قىلغاي!
بۇ ئانىمىزنىڭ گەپلىرى ھەممىمىزگە بىر قېتىملىق دەرس بولدى. ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشتىكى بۇ روھ، يېشى 70 كە بارسىمۇ قەدەملىرى دەرنەك ئىشىكلىرىگە بارمايدىغان بىر غورۇرنىڭ سېمۋۇلىنى، ئۆزى جاپا تارتسىمۇ ھەمراھىنى ئاسرايدىغان بىر ئەركەكنىڭ ھىممىتىنى، ھارام ئۇياقتا تۇرسۇن بىر لوقما بولسىمۇ شۈبھىنى يېنىغا يولاتمايدىغان ئىمام ئەئزەم دادىسى نوئمان ئىبنى سابىت روھىنى كۆرگەندەك بولدۇق.
توغرا،« ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا كەلىمە شاھادەت بولۇش»تىنمۇ ئارتۇق بەخت قەيەردە بولسۇن؟!
- لوقمانجان مۇئەللىم

😭9
ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
مەزكۇر دەرسىمىز ھەقسىز بولۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پەرزەنتلىرىنى تىزىملاتماقچى بولغان ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىنى سورايمىز.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى نومۇرلارغا ئۇچۇر قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىڭ.
Tel: 05396188847 05349626929
ھۆرمەت بىلەن: ھىرا ئۇيغۇر مەكتىپى
2026- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى

❤1

يازلىق تەتىللىك كومپىيۇتېر سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
ھىرا كومپىيۇتېر تەربىيلەش مەركىزىنىڭ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس يازلىق تەتىللىك كومپىيۇتېر تىز تەربىيلەش سىنىپى 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلىنىدۇ.
دەرسلەر ئاساسى سەۋىيەدىن باشلاپ كومپىيۇتېر مەشغۇلاتلىرى نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى كومپىيۇتېر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلىمەكچى بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىزىملىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
دەرس ھەپتىدە بەش كۈن مۇقىم ئۆتۈلىدۇ، پىلانلانغان ئوقۇتۇش پىرۇگراممىسىنى لاياقەتلىك تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ئېتىراپ قىلىدىغان دېپلۇم چىقىرىپ بېرىلىدۇ.
دەرس ۋاقتى: ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 15:00 تە.