بىلگىن گۇرۇپپىسى
752 subscribers
2.24K photos
189 videos
182 files
1.36K links
Download Telegram
رامىزانلىق نەسىھەتلەر 28

روزا بىلەن بولغان ۋەدىڭىز پەقەت رامىزاندىلا قالمىسۇن، نەپلە روزىلاردىنمۇ نېسىۋە ئېلىپ تۇرۇڭ.

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #رامىزانلىق #روزا #نەسىھەت #رامىزان #نەپلە #نېسىۋە
096 خەير-خوش، ئى رامىزان.pdf
60.2 KB
بىلگىن ماقالىلىرى 096: خەير-خوش، ئى رامىزان
رامىزانلىق نەسىھەتلەر 29

رامىزاندىن كېيىنمۇ رامىزاندا ئادەتلەنگەن ئىبادەتلەنى داۋاملاشتۇرۇشقا بەل باغلاڭ

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #رامىزانلىق #روزا #نەسىھەت #رامىزان #ئىبادەت
رامىزانلىق نەسىھەتلەر 30

بارلىق ئەمەللىرىڭىزدىن ھېساب ئېلىپ بېقىڭ، مەسىلەن:
نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، زاكات بېرىش، سىلە-رەھىم قىلىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، قوشنىلارنى يوقلاپ تۇرۇش، ئارىسىدا ئاداۋەت بار كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، ئىسراپ قىلماسلىق، قول ئاستىدىكىلەرنى تەربىيىلەش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىگىدارچىلىق قىلىپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەردىن ھېچنىمىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك، نەسىھەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش، رىيادىن ھەزەر ئەيلەش، ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بېرىش، كىشىلەرنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا كۈچەش، قېرىنداشلىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىق، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، مەنىلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىش، ئاڭلىغاندا قەلبنى ھازىر قىلىش

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #رامىزانلىق #روزا #نەسىھەت #رامىزان #ئىبادەت #ئەمەل #ھېساب #ناماز #جامائەت #زاكات #ئاداۋەت #ئىسراپ #رىيا #غەيۋەت #قۇرئان
روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
#بىلگىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا، يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ».
-مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
«ياخشىلىققا باشلاپ قويغۇچى، شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىغا ئوخشاش مۇكاپاتلىنىدۇ»
#شەۋۋال
#روزا تۇتۇش
#يىل بويى
#بىلگىن
شەۋۋال ئېيى
ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «رامىزاندىن كېيىن روزا تۇتۇشقا ئادەتلىنىش، رامىزان ئېيىدىكى روزىنىڭ مەقبۇل بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىر بەندىنىڭ ياخشى ئەمەلىنى قوبۇل قىلسا، ئۇنى يەنە ياخشى ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ». لەتائىفۇل مەئارىف، 221 – بەت.
#شەۋۋال
#روزا تۇتۇش
#ئاداتلىنىش
#مەقبۇل روزا
#بىلگىن
جۈمە كۈنىدىكى ئەدەپ ۋە سۈننەتلەر

#بىلگىن
#جۈمە
#رەسىم
#سۈننەت #دۇرۇت
رامىزاندا قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ مەقبۇل بولۇپ بولمىغىنىنى قانداق بىلىمەن؟
رامىزاندىن كېيىن تائەت – ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تاشلاش ئاسان بولسا، بۇ قىلغان ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. مەسىلەن، ئىلگىرى كۆزىڭىزنى نامەھرەملەردىن ساقلىشىڭىز تەس بولغان بولسا، ھازىر ئۇنى قىلىشىڭىز ئاسان بولىدۇ. ئەھمەد ئىسا ئەلمەئسىراۋىي
# ئەمەللىرىمنىڭ مەقبۇل بولۇشى
#ئىپادىسى
# نامەھرەملەر
#كۆز
ئىسلامىي رەسىملەر
#بىلگىن
ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئەڭ ئەۋزەل سەدىقە جاھىلغا تەلىم بېرىش ياكى غەپلەتتە قالغۇچىنى ئويغۇتۇشتۇر». مەجمۇئۇر رەسائىل، 1/186.

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #سەدىقە #جاھىل #تەلىم #غەپلەت #ئويغۇتۇش
«رەببىڭ ساڭا كەلگۈسىدە (كۆپ ياخشىلىق) ئاتا قىلىدۇ، سەن (بۇنىڭدىن) مەمنۇن بولىسەن». سۈرە زۇھا، 5 – ئايەت.

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #رەببىڭ #ياخشىلىق #مەمنۇن
Forwarded from OkuginTM
ئوقۇغىن تەلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدىن خۇش-خەۋەر!

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت مەكتىپىدىن سىرت ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرىغا ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنى تۆت يىللىق ئوقۇش جەريانىدا قوللاش يۈزىسىدىن، ھەر يىلى ئەڭ ئەلاچى ئۈچ ئوقۇغۇچىغا «100 مىڭ لىرا» لىق ئوقۇش مۇكاپات ياردەم پۇلىنى يولغا قويدى.

1- دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىغا «50 مىڭ لىرا»
2- دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىغا «30 مىڭ لىرا»
3- دەرىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىغا «20 مىڭ لىرا»

مۇكاپاتقا تاللىنىدىغان ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:
1- چوقۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇشى كېرەك.
2- قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ئاز «ئۈچ پارە» يادلىغان بولۇشى كېرەك.
3- مەركىزىمىزدە قىلىنىۋاتقان ئۈچ يىللىق «دىن ۋە ئەخلاق» دەرسلىك كىتابلاردىن ئېلىنغان ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.
4- مەركىزىمىزدە قىلىنىۋاتقان ئۈچ يىللىق «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىك كىتابلاردىن ئېلىنغان ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. (يۇقىرىدىكى ئىمتىھانلار مەركىزىمىز تەرىپىدىن ئېلىنىدۇ).
5- ئەرەب تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىدا دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان (YDS) ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، نەتىجىسى 40 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
6- دۆلەت مەكتىپىدىكى تۆت يىللىق ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 80 دىن يۇقىرى، ل گ س نەتىجىسى 350 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: تۇنجى مۇكاپاتلاش 2023 -يىلى 8-ئايدىن تارتىپ باشلىنىدۇ ۋە تولۇق ئوتتۇرا تۆت يىلغا بۆلۈپ تارقىتىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:
ئوقۇغىن تەلىم ۋە مەدەنىيەت مەركىزى
‏دۈشەنبە‏، 2022‏-يىل 9‏-ماي

https://www.facebook.com/492330490950271/posts/2341534902696478/?d=n
«ئاللاھ ھەركىمنىڭ قەلبىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدىغان زات ئەمەسمۇ؟». سۈرە ئەنكەبۇت، 10 – ئايەت.

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #ئاللاھ #قەلب
ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنى بىلگىنكى، شەيتاننىڭ كىشىلەرگە بولغان تۇنجى ئالدامچىلىقى ئۇلارنى ئىلىمدىن توسۇش. چۈنكى ئىلىم نۇردۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ چىراغلىرنى ئۆچۈرەلىسە، ئۇلارنى خالىغانچە قاراڭغۇلۇققا تاشلايدۇ». تەلبىيسۇ ئىبلىس، 283-بەت.

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #ئاللاھ #قەلب #شەيتان #ئىلىم #چىراغ #قاراڭغۇلۇق
ئايدىڭ كۈنلەردە روزا تۇتۇش
ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتلا بولىدىكەنمەن ماڭا ئۈچ ئىشنى تەرك قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلار: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ۋىتىر ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇخلىماسلىقلاردىن ئىبارەت». مۇسلىم توپلىغان

#بىلگىن #ئىسلامىي_رەسىملەر #ئايدىڭ #روزا #كۈنلەر
جۈمە كۈنىدىكى ئەدەپ ۋە سۈننەتلەر

#بىلگىن
#جۈمە
#رەسىم
#سۈننەت #دۇرۇت